بىشكەكتە خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.06.28

قىرغىزىستان سوتى تۈنۈگۈن، ئۆتكەن يىلى بىشكەكتە يۈز بەرگەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئاپتوموبىل بىلەن بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۈچ گۇماندار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

ھۆكۈمدە گۇماندارلاردىن ھاسامىدىن(؟) ئىسمائىلوفقا 18 يىللىق، ھىكمەتۇللا ئابدۇلجانۇف بىلەن قۇنازىم مانسىروۋاغا 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن. مەھكۇملارنىڭ ئۈچىلىسى ھۆكۈمدە ئۆزلىرىگە ئارتىلغان ھۇجۇمنى تەشكىللەش ۋە ئىقتىساد تەمىنلەش ئەيىبلىمىسىنى ئىنكار قىلغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ ئەينى چاغدا ئۈچ كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزكۇر ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى خىتايغا قارشى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە مەنسۇپ بىر كىشىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ۋە ھەتتا ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەستىن ھۇجۇمنى سۈرىيەدىكى قوراللىق كۈچلەرگە باغلىغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچ مەھكۇمنىڭ ئادۋوكاتلىرى مەزكۇر ھۆكۈمگە قارشى نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.