بىشكەكتىكى بىر خىتاي رېستورانى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى بىر خىتاي رېستورانى 6‏-فېۋرال قوراللىق بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ، ئىككى خىتاي يېنىك يارىلانغان. قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قىرغىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، يۈزىگە ماسكا تارتىۋالغان قوراللىق كىشىلەر بىشكەك ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 غا ئاز قالغاندا رېستورانغا باستۇرۇپ كىرگەن.

قوراللىق كىشىلەر رېستورانغا باستۇرۇپ كىرىپ ئوق چىقارغان ھەم 10 مىنۇت ئىچىدە رېستوران كاسسىسىدىكى 100 مىڭ سوم پۇل، بىر خىتاي ئايالنىڭ ئۈزۈكى قاتارلىق نەرسىلەرنى بۇلاپ چىقىپ كەتكەن.

قىرغىزىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شاھىتلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋەرلىرىدە يەنە، قوراللىق كىشىلەرنىڭ رېستوران ئايرىمخانىسىغا كىرىپ، بۇ يەردە تاماق يەۋاتقانلار خېرىدارلارنى يەرگە ياتقۇزۇپ قويغانلىقى، شاھىتلاردىن بىرىنىڭ قوراللىق كىشىلەرنى «رۇس تىلىدا سۆزلەيتتى، ئەمما قىرغىزلاردەك قىلاتتى» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى ‏- «خەۋەر»نىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم نەق مەيداندىن 43 پاي پىستان تاپقان. ساقچىلار بۇ ۋەقەنى جىنايى ئىشلار دېلوسى، دەپ بېكىتىپ، رېستوراندىكى 4 سىنئالغۇ كامىرانى سۆكۈپ ئېلىپ كەتكەن.

قىرغىزىستان ئامانلىق ئورگانلىرى ھازىرغا قەدەر قوراللىقلارنىڭ خىتاي رېستورانىنى نىشانغا ئېلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ھېچقانداق باياندا بولۇپ باقمىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى تەسىرى تېز كېڭەيگەن. نەتىجىدە بۇ، قىرغىز پۇقرالىرىدىكى خىتايغا قارشى نارازىلىقنى كۈچەيتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت