ۋولكېسۋاگېن ۋە BMW نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسى تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-04-08
Share

ئامېرىكادىكى «خورىزون» (ئۇپۇق) ناملىق مەسلىھەت بېرىش شېركىتى ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا، BMW ۋە ۋولكېسۋاگېن قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شېركەتلىرىنىڭ مال تەمىنلىگۈچىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىغا باغلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مەسىلە خىتاينىڭ رايوندىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىرىشىنى مەركىزىي نۇقتا قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق باشقا بىر مۇھىم ساھەگە سوئال قويغان.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورى «خورىزون» نىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، BMW، ھەممىباب ئاپتوموبىل، ۋولكېسۋاگېن قاتارلىق شىركەتلەرنى زاپچاس بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلار، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شېركىتى بولغان نىئو (Nio ) ۋە BYD قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. خەۋەردە بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بىلەن خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ئېنىقلاشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغنالىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋولكېسۋاگېن شىركىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مال تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقىغا دائىر دەلىل يوقلىقى، مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاليۇمىنلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. BMW شىركىتى بۇ شىركەتنىڭ «ھەر خىل باھالاشلار ئارقىلىق داۋاملىق قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى كۆزىتىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، پەمىدۇر، قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى ھازىرغا قەدەر دىققەت قوزغىمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاليۇمىن مەھسۇلاتى دۇنيا ئاليۇمىن مەھسۇلاتىنىڭ 9 پىرسەنتىنى ئىگىللەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت