بو شىلەي ئاممىنىڭ پۇلىغا كەلگەندە تازا سەمىمىي بولۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-08-24
Share

پەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان سوتلىنىۋاتقان چۇڭچىڭنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى بو شىلەي ئۆزىگە ئارتىلغان بەزى جىنايەتلەرنى تەن ئالدى ۋە ئاممىنىڭ پۇلىغا كەلگەندە تازا سەمىمىي بولۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئۆزى ئىشلەتكەن بىر قىسىم پۇللارنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرەلمىگەنلىكىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خىجىللىق ھېس قىلىمەن، دېدى.

ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئېرىگە قارشى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، بو شىلەي پەيشەنبە كۈنى «خەۋىرىم يوق» رەت قىلغان بىر قىسىم زاڭ ماللارنى ئېرىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بو شىلەي گۇ كەيلەينى «ساراڭ» دەپ ئەيلىگەن ئىدى.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بو شىلەينىڭ يىقىلىشىغا سەۋەب بولغان چۇڭچىڭنىڭ سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈنمۇ سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتىدىكەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ۋاڭ لىجۈڭ چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا پاناھلىق تىلەپ كىرىۋالغاندىن كېيىن، بو شىلەي سەتچىلىكى ئاشكارىلانغان. نەتىجدە بۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت سورۇشقا باشلىغاندىن بۇيانقى خىتاينى ئەڭ چوڭ زىلزىلىگە ئالغان دېلولارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر بو شىلەي ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان سوتنىڭ خىتاي سىياسىي سەھنىسىدىكى تىياتىر ئويۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت