خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ سابىق ئەزاسى بو شىلەي مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ سابىق ئەزاسى، چوڭ چىڭ شەھىرى پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى بو شىلەي جىنەن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بو شىلەيگە خىيانەتچىلىك ۋە ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش بىلەن بىرگە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قىلىنغان.

سوت يەنە بو شىلەينىڭ بارلىق شەخسىي مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى بەلگىلىگەن. جىنەن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە ئۇنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۈچۈن 15 يىللىق، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش جىنايىتى ئۈچۈن 7 يىللىق بولۇپ، ھەممىسى قوشۇلۇپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان.

بۇ خىتايدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سوت مەھكىمىسى يەنە ئەگەر بو شىلەي ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، 2 - كۇنىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە شەندوڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلسا بولىدىكەن.

ئىككى يىلغا يېقىن خىتاي جەمئىيىتى ۋە خەلقارا جەمئىيەتتە مۇنازىرە قوزغاپ كەلگەن بو شىلەي ۋەقەسى شۇنىڭ بىلەن ئوز خۇلاسىسىنى تاپتى. ئەمدى، بو شىلەي ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا شەخسلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قېلىشى دىققەت نەزەردە تۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت