بو شىلەينىڭ جازالىنىشى تۈرلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-22
Share


خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان خەلق گېزىتى يەكشەنبە كۈنى بو شىلەيگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، پارىخورلۇققا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باش ماقالە تېمىسى « قانۇنغا تايىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاك سىياسىي تۈزۈم قۇرايلى» دەپ ئاتالدى. ماقالىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە قەتئىي زەربە بېرىدىغانلىقى قاتتىق يوسۇندا تەكىتلەندى.

بو شىلەينىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى قاتلىمىدىكى مۇرەككەپ ئىچكى زىددىيەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن چەتئەللەردىكى خىتاي مۇتەخخسىسلىرىدىن ئامېرىكىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان لى چېڭ ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ« ئەگەر بو شىلەيگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغان بولسا قارشىلىق قوزغىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەسلىدە بو شىلەيگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بو شىلەرنىڭ قەھرىمان بولۇشىنى خالىمىدى» دەيدۇ.

مۇلاھىزىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ بو شىلەينىڭ سوت ھۆكۈمى مەسلىسىدە ئېھتىياتچان بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

بو شىلەينىڭ سوت ھۆكۈمى مەسىلىسىدە چەتئەللەردىكى خىتايشۇناسلار ۋە خىتاي مۇتەخەسىسلەردىن باشقا خىتاي ئىچىدىمۇ تۈرلۈك ئىنكاسلار كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرىشى، پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى ئاساسلىق تېمىغا ئايلاندى.

شىنخۇا تورى بولسا، بو شلەينىڭ ئىككى ساقچىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇشى ئاستىدا سوتقا چىققان سۈرىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بو شىلەينىڭ سۈرەتلىرىدىكى ئۆزىنى مەردانە تۇتقان، ئىشەنچلىك تۇرغان ھالىتى تېخىمۇ كۈچلۈك دىققەتكە ئېرىشكەن. ئەمما، شىنخۇا ۋە خەلق تورىنىڭ بو شىلەيگە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشقا ئائىت يەكشەنبە كۈنىدىكى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلىرى بەك قىسقا بولۇپ، پەقەت بىر قانچە جۈملىدىنلا تەركىپ تاپقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت