بۇلغارىيە ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى 20-فېۋرال كۈنى بۇلغارىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ «سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىققا باراۋەر،» دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن قېچىپ چىققان بەش ياش ئاۋۋال تۈركىيەگە، ئاندىن ئۇ جايدىن قانۇنسىز ھالدا 2017-يىلى ئىيۇلدا بۇلغارىيەگە كىرگەن. ئەمما بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشكە تەييارلانغان.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى بۇ ھەقتە باياناتتا: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. بىز بۇ خىل پاجىئەنى قايتا كۆرۈشنى خالىمايمىز،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت