شېنياڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن 56 ھەسسە ئېغىر بولغان
2015.11.11
بۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شېنياڭ شەھىرىدىكى ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن 50 نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، ھاۋادىكى زەھەرلىك زەررىچىلەرنىڭ بىر سوتكىدىكى قويۇقلۇق دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغاندا 25 مىكروگرام بولۇشى كېرەك ئىكەن.
CNN نىڭ 9 - نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى شېنياڭ شەھىرى ھاۋاسىدىكى زەھەرلىك زەررىچىلەرنىڭ بىر سوتكىلىق قويۇقلۇق دەرىجىسى 1 مىڭ 400 مىكروگرامغا يېتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن 56 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش تەشكىلاتى - «يېشىل تىنچلىق» تىكى پائالىيەتچى دۇڭ ليەنسەي: «ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى سانلىق مەلۇماتقا سېلىشتۇرۇشىمىزچە، بۇ قېتىمقىسى زەھەرلىك زەررىچىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
شىنخۇا ئاخباراتى شېنياڭ ھاۋاسىدىكى ئېغىر بۇلغىنىشنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېنىق كۆرسەتمىگەن.
خەۋەردە ھاۋا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ئۇششاق زەررىچىلەرنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى «ئىنتايىن يۇقىرى ھالەتكە يەتكەن» لىكى، «ھاۋا ۋە تاشيول قاتنىشى توختىتىلغان» لىقى كۆرسىتىلگەن.
شېنياڭ شەھىرى خىتاينىڭ كۆمۈر سانائەت بازىلىرىدىن بىرى بولغان لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى.