ىتاي ساقچىلىرى چاغان ھارپىسى ئۈرۈمچىدە 11 ئۇيغۇرنى تۇتۇپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-01-31
Share

خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 30‏-يانۋار ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شامالباغ رايونىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ كەتكەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن 3 كىشى ئاقسۇ ئاۋاتلىق، ئىككىسى قەشقەر مارالبېشىلىق، بىرى خوتەن لوپلۇق بولۇپ، ئۇلاردىن خوتەن لوپلۇق ياش «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەن.

دىلشات رىشىت ئۇلارنىڭ «قانۇنسىز توپلانغان»، ج خ خادىملىرىنىڭ خىزمىتىگە «توسقۇنلۇق قىلغان» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقە يۈز بەرگەن تەڭرى تاغ رايونىغا قاراشلىق نەنگۈەن ساقچى پونكىتىغا قاراشلىق بولسىمۇ، بىراق خەۋەر ھازىرغىچە خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەلىلەنمىدى.

بۇ ۋەقەدە تۇتقۇن قىلىنغان بەزى ياشلارنىڭ ئاۋاتلىق ۋە مارالبېشىلىق ياشلار ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىدى.

بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 6 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 6 ئۇيغۇر پارتلاپ ئۆلگەن، 5 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇم، دەپ ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن ئاۋۋال يەنى ئۆتكەن يىلى نويابىردا، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا 9 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت