ئالتە نەپەر رۇس ئەسكىرى چېچىنىيە ھۇجۇمچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.25


جۈمە كۈنى سەھەردە رۇسىيەنىڭ چېچىنىيەدىكى بىر ھەربىي ئەسلىھە نۇقتىسى تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ 6 نەپەر رۇس ئەسكىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بىرقانچىلىغان ئەسكەرلىرى يارىدار قىلىنغان.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر گۇرۇپپا قۇراللىق ھۇجۇمچىلار جۈمە كۈنى سەھەردىكى قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايىدىن پايدىللىنىپ، رۇس ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم ھەربىي ئەسلىھە نۇقتىسىنى ئوققا تۇتقان.

ئىگىلىنىشىچە، بىر قەپەس قاتتىق ئېتىشۋازلىقتىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن. رۇس ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئېتىشۋازلىقتا چېچىن ھۇجۇمچىلىرىدىنمۇ 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم.

1991-يىلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە بىلەن چېچىنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىككى قېتىم چوڭ تىپتىكى ئۇرۇش پارتلىغان. پۇتىن تەختكە چىققاندىن كېيىن چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارىتا رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، چېچىن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىنى يەر ئاستى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىملىق تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ رۇس-چېچىن ئۇرۇشى ۋاقىتلىق توختىغاندىن بۇيان كافكازىيەدە كۆرۈلگەن يەنە بىر قېتىملىق كىچىك تىپتىكى ھەربىي توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.