چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاي ئاخباراتىنىڭ مەزكۇر ئورگان چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك دوكلاتى توغرىلىق خەۋەر بېرىشىنى چەكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، كومپارتىيە دائىرىلىرى جايلارغا مەزكۇر دوكلاتنى بېسىش، تارقىتىشنى چەكلەش توغرىلىق يوليورۇق بەرگەن.

بۇ ئورگاننىڭ «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى دۇنيادىكى 180 دۆلەت ئىچىدە 175 ئورۇنغا تىزىلغان ئىدى. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا مەسئۇل خادىمى بېنجامىن ئىسمائىل، گەرچە بۇ چەكلىمە تاسادىپىيلىق بولمىسىمۇ، ئۇ دۇنيادىكى خەۋەر ۋە ئۇچۇرنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدىن كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بىز يەنىلا بۇ خىل چەكلىمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، دېدى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، خىيانەتچىلىك، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مۇھىت مەسىلىسىگە ئالاقىدار خەۋەر، ئۇچۇرلارنى دائىم كونترول قىلىدىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنتى ئاخبارات ئىشخانىسى تارقاتقان يوليورۇقىدا، ھەر قايسى تور بەتلەرنىڭ، جۇڭگو دۇنيادىكى 180 دۆلەت ئىچىدە 175 ئورۇنغا تىزىلغان دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت