چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتايدا ئاخباراتقا قارىتىلغان قامالنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.04.17

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا 18-قۇرۇلتاي ئېچىلغاندىن بۇيان ئاخباراتقا قارىتىلغان قامالنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى ھەرقايسى ئاخبارات، نەشرىيات ۋە كىنو -تېلېۋىزىيە ئورگانلىرىغا چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە چەتئەل تور بەتلىرىدىن ئېلىنغان ھەرقانداق ئۇچۇرنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، بۇ ئورگانلارنىڭ شەخسى ئۇچۇر بەرگۈچىلەر، ئەركىن خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان ئورگانلار ياكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ئۇچۇر ئېلىشىمۇ چەكلەنگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئېنىقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارىلاۋاتقان چەتئەل ئاخباراتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق ئالدىدا ئەيىبىنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى» دېدى، ئەمما تەشكىلات يەنە، ھازىرقىدەك ئىنتېرنېت ئۇچۇر دەۋرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چەكلىمىلەر ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى خىتاي سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئائىلە بىساتى ئاشكارىلانغان بىر ماقالىنى ئېلان قىلىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. تۈنۈگۈن دەل بۇ خەۋەرنىڭ ئاپتورى، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى دىرېكتورى داۋىد باربوزا ۋېن ئائىلىسىنىڭ بىساتى ئاشكارىلانغان خەۋىرى سەۋەبىدىن يىلدا بېر قېتىم تارقىتىلىدىغان ئاخباراتچىلىق مۇكاپاتى «پۇلىتزېر مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى مۇكاپات تارقىتىلغان ئوخشاش كۈندە چىقىرىشى دىققەت قوزغىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.