چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى ئىلھام ۋەلى قاتارلىق مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.09.28

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام ۋەلى، مەمتىمىن ئوبۇل، جۈرئەت ھاجى، مىركامىل ئابلىمىت قاتارلىق «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ دېھقانلار گېزىتى» نىڭ باش ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىرىنى ۋە بۆلۈم باشلىقلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبى كۈلكىلىك ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 8‏-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى، بۆلۈم باشلىقلىرى مەمتىمىن ئوبۇل، جۈرئەت ھاجى ۋە «شىنجاڭ دېھقانلار گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى مىركامىل ئابلىمىتنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن بۇ مۈجمەل ئاتالغۇنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە يوشۇرۇن نارازىلىق بىلدۈرگەن شەخسلەرنى جازالىماقتا ئىكەن.

باياناتتا، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سىدرىك ئەلەئىئانى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك دېگەن بۇ جىنايەتنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ژۇرنالىستلارنى تۇتقۇن قىلىشتا قولغا چىققۇدەك بىر سەۋەب يوقلۇقىنى نامايان قىلىدۇ» دېگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك سىستېمىلىق باستۇرۇشى ھەرىكىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشىغا يول ئاچقان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2018‏-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى» دە خىتاينى 180 دۆلەت ئىچىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلىپ، 176‏-ئورۇنغا تىزغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.