يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى 4-ئەۋلاد داڭلىق چېلىشچى مېھمان ھەمراھ خىتاينىڭ 2016-يىللىق «تەنتەربىيە روھى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

ئىگىلىنىشىچە، يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى 4-ئەۋلاد داڭلىق ئەنئەنىۋىي چېلىشچى مېھمان ھەمراھ خىتاينىڭ 2016-يىللىق «تەنتەربىيە روھى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىقى ئېيىدا نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان «تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر چېلىشچى مېھمان ھەمراھ خىتايدىكى «تەنتەربىيە روھى» مۇكاپاتىنىڭ 2016-يىلىدىكى يىگانە ساھىبى بولغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ھەقتە نەق مەيداندىن تەپسىلىي خەۋەر تارقاتقان.

بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن مېھمان ھەمراھ 1957-يىلى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى قۇمۇشئېرىق كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 40 نەچچە يىل ئەنئەنىۋى چېلىشىش تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. ئۇنىڭ بوۋىسى بۆرەك ئاخۇن يۇرتنىڭ داڭلىق چىلىشچىسى بولۇپ، ئۇلۇغ بوۋىسىمۇ ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇن چېلىشچىلارنى يەر چىشلەتكەن داڭلىق چېلىشچى ئىكەن. مېھمان ھەمراھنىڭ ھازىرغىچە بۇ تۈردە 200 دەك شاگىرت تەربىيەلىگەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭ ئوغلى ۋە 14 ياشلىق نەۋرىسىمۇ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ چېلىشچىلىق بويىچە تەربىيەلەنمەكتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچى بىلەن خىتاي ئىچى ھەمدە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتىكەن.