چېن چۈەنگونىڭ قەشقەردە خىزمەت تەكشۈرۈشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.12.03

بىر قىسىم ئانالىزچىلار «ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور باستۇرۇشنىڭ باش ئىجراچىسى» دەپ تەرىپلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 1-دېكابىردىن 2-دېكابىرغىچە قەشقەر تەۋەسىدە ئاتالمىش «خىزمەت تەكشۈرۈشى» دە بولغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈەنگو قەشقەر شەھىرى ۋە قارغىلىق، يەركەن، مەكىت، يېڭىسار قاتارلىق ناھىيەلەردە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش بىلەن بىرگە «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نىشانى ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە بۇ توغرىسىدا يەنىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ، چېن چۈەنگونىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» ۋە زاۋۇتلارنى زىيارەت قىلغانلىقى، بۇ جايلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىم مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئەمما بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ خىلدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ تۆۋەن مائاشلىق «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە چىقىرىلغان لاگېر تۇتقۇنلىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئەھۋاللارنى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە چېن چۈەنگو قەشقەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى «پارتىيەنى سۆيۈش، جۇڭخۇانى سۆيۈش» تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.