چېن چۈەنگونىڭ پېنسىيەدىكى «ئۇيغۇر رەھبەرلىرى» دىن چاغانلىق ھال سورىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

2021-02-17
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاغان كېلىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقپارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشت قاتارلىقلارنى يوقلىغان ۋە ئۇلارنىڭ چاغانلىق بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.

چېن چۈەنگو ئۇلارغا شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن «پارلاق نەتىجىلەر» نى دوكلات قىلغان ۋە كەلگۈسىدە شىنجاڭدا «يېڭى ۋەزىيەت» بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارمۇ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مەركەزنىڭ سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق ئەقلىي ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ يىل خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى «پېشقەدەم رەھبەرلەر» دىن ھال سوراش بىلەنلا قالماي، پاشا ئىشاندەك پېشقەدەم سەنئەتكارلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ سۆزلەتكەن. پاشا ئىشان بۇ تەشۋىقات ۋىدىيوسىدا خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە دۇتار چېلىپ، «ئازات زامان» ناخشىسىنى ئېيتقان. پاشا ئىشان 50-يىللاردىلا «ئازاد زامان»، «ياشا جۇڭگو گوڭچەنداڭ» دېگەندەك سىياسىي ناخشىلارنى ئېيتقانىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى چاغان بايرىمى كۈنلىرىدىمۇ ئۆز تەشۋىقاتىنى قولدىن بەرمىگەن. ئۇلار «كومپارتىيەگە بولغان مۇھەببەت» نىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پېنسىيەدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىققان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «قىزىل قەلبى» دىن گۇمان قىلسىمۇ، ئەمما قاتتىق بېسىم، قورقۇنچ ۋە سىياسىي مەنپەئەت ئالدىدا تىز پۈككەن بۇ كىشىلەر «ئىككى يۈزلىمىچى» قالپىقى كىيىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ بولسىمۇ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت