چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى» نى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-02-18
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈۋەنگونىڭ چاغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى ۋە رايوندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى بېيىتىش تۈرىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» دا تارقىتىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن چۈۋەنگو 18-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ شۇ كۈندىكى سۆزىدە «مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا يۇغۇرۇلۇشى» ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى بېيىتىش تۈرى» نى كۈچەيتىپ يولغا قويۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ پىلانىنى ئوچۇق-ئاشكارا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزۈش ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملاتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدۇر، دەپ قارىماقتا.

چېن چۈەنگو شۇ كۈنىدىكى يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشى، ھەرقايسىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئارىلىشىشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى بېيىتىش تۈرىنى كۈچەپ يولغا قويۇش كېرەك، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.»

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلار يولغا قويۇلغان بىر قانچە يىلدىن بۇيان «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى بېيىتىش» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان سىياسەتلەرنى پائال قانات يايدۇرماقتا. بۇنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولغان بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە چاغاننى تەبرىكلىگەنلىكى، خىتايلار بىلەن بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگكەنلىكى، ئۆيلىرگە خىتايچە پانۇس ئاسقانلىقى، توي-تۆكۈنلىرىنى خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان كۆرۈنۈشلەر چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە رايوندا ئاسسىملاتسىيە سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە «مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرماسلىقنى، ھەتتا ئۇنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش» نىمۇ تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت