چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىن «مۇتلەق ساداقەت» تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-03-15
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو سىياسى-قانۇن ساھەسىدىكىلەرگە سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن «مۇتلەق ساداقەت» ۋە «مۇتلەق ئىشەنچلىك» بولۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، سىياسى-قانۇن ساھەسى بارلىق ھەرىكىتىدە شى جىنپىڭ ۋە خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ چاقىرىقى ۋە قوماندانلىقىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك ئىكەن. 14-مارت ئېچىلغان «سىياسى-قانۇن قوشۇنى تەربىيەسىنى تەرتىپكە سېلىش سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى» ناملىق بۇ يىغىن خەلقئارادا خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جاۋابكارلىققا تارتىش چاقىرىقى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر ئەمەلدارى بىلەن بىر ئاپپاراتىنى جازالاشنى قارار قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 15-مارت بەرگەن خەۋىرىدە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكو مائاسنىڭ دۈشەنبە كۈنى بۇ توغرىسىدا «بىر كېلىشىم بولىدۇ، دەپ قارايمەن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 4 ئەمەلدارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئاساسلىق ئىجراچىسى، دەپ قارىلىۋاتقان چېن چۈەنگونىڭ بار-يوقلىقى 22-مارت مەلۇم بولىدۇ. رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، دىپلوماتلار ئىمبارگو قارارىنىڭ 22-مارت ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چېن چۈەنگو 14-مارتتىكى يىغىندا سىياسى-قانۇن ساھەسىگە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، چەن چۈەنگو سىياسى-قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ «ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرگەندە يوشۇرۇپ قالماسلىق، تەكشۈرگەندە قاتتىق قول بولۇش، جازالاشتا باش-ئاخىرى بىردەك بولۇش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش، كۆپ قىسمىغا تەربىيە بېرىپ، ئاز قىسمىنى جازالاش سىياسى يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت