چېن چۇەنگو بۇ يىللىق سىياسىي كونتروللۇقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-05-24
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگۇ 23-ماي كۈنى «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى» نىڭ يىغىنىدا ئالاھىدە سۆز قىلىپ، 2021-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە كاتتىباشلىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا چېن چۇەنگو 3-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» نىڭ روھىنى ئېغىشماستىن قەتئى ئىجرا قىلىش، شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يوليورۇقى» نى قىبلىنامە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، «قانۇن بوييچە ئىدارە قىلىش» نى بارچە خىزمەتلەردە ئەمىلىيلەشتۈرۈش دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش»، پۇقرالارغا قولايلىق ۋە خاتىرجەملىك يارىتىش، پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» نى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىملىقى ھەققىدىمۇ سۆز قىلغان.

ئانالىزچىلار چېن چۇەنگونىڭ «قانۇن بويىچە ئىدار قىلىش» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى، «پۇقرالار» دېگەندە خىتاي كۆچمەنلىرى نەزەردە تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىدىن بېرىلگەن بىشارەت. چۈنكى ئۇيغۇر كادىرلارنى باستۇرۇش ھەرقاچان ‹قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش› دېگەن نامدا ئىجرا بولىدۇ،» دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت