چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.11.26

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋرىنى بەرپا قىلىش» نى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجىڭ قاتارلىق رەھبەرلىرى 24-ۋە 25-نويابىر كۈنلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە تەتقىقات مەركىزى گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» نى ئۆگىنىش، شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» ئومۇمىي نىشانىنى مۇستەھكەم ساقلاش، يېڭى دەۋردە «شىنجاڭ خىزمىتى» دە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا تەكىتلەنگەن نوقتىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

چېن چۈەنگو يىغىندىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹جۇڭخۇا مىللىتى› ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى ۋە تارىخىنى شىنجاڭنىڭ كادىرلار مائارىپى، ياشلار مائارىپى ۋە ئىجتىمائىي مائارىپقا سىڭدۈرۈش كېرەك. . . ‹بىر گەۋدە بولۇش›، ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق پائالىيىتى›، ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى› نى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى جەمئىيىتىنىڭ ئېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقۇنلۇقنى تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. . .»

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملاتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.