ئۈرۈمچى ساقچىلىرى «چېقىم» نى قۇلايلاشتۇرۇش ئۈچۈن يانفون يۇمتالى تارقاتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.04.27

ئۇيغۇر ئېلىدە تور چەكلىمىسىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرى «گۇمانلىق» ئەھۋاللارنى ساقچى ئورگانلىرىغا پاش قىلىشنى «قۇلايلاشتۇرىدىغان» مەخسۇس بىر يانفون يۇمتالىنى بازارغا سالغان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، «خەلقنىڭ بىخەتەرلىك يۇمتالى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ يانفون يۇمتالى ئارقىلىق قوللانغۇچىلار جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە ياكى مۇقىملىققا زىيانلىق، دەپ قارىغان گۇمانلىق ئەھۋاللارنى دەرھال قىسقا ئۇچۇر، رەسىم ۋە ياكى ۋىدېئو يوللاش ئارقىلىق ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلالايدىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەرلەنگەن ساقچىلار ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۇنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئىشقا يارايدىغان ئۇچۇر ئەۋەتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قوشۇلغان بۇ يېڭى تەدبىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ يانفون يۇمتالىنىڭ قامالنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يۇمتال ئىنسانلار ھاياتىنىڭ خۇسۇسىيلىقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپلا قالماي، ھەرقانداق كىشىنى «گۇماندار» غا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەردىكى ۋەھىمىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىدە 10 كىشىنى توردا تارقاتقان ماتېرىياللىرى سەۋەبلىك جازالىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «بىخەتەرلىكنى قوغداش» نامى ئاستىدا بېسىمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.