خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىن ئىسلاھات قىلىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.03.29

خىتايدىكى چەتئەل كارخانىلىرى يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭنىڭ تىجارىي مۇناسىۋەتلەرگە توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان بيۇكراتلىقنى ۋە چەتئەل مەبلىغىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇيۇشمىسى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىدىن قارىغاندا، خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئاران 18 پىرسەنتى خىتايدىكى تىجارەت ھەجمىنى كېڭەيتىشكە قىزىقىدىكەن. ئەمما 78 پىرسەنتى خىتايدىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن بۇ دۆلەتتىكى مەبلىغىنى ئاشۇرۇشنى خالىمايدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيۇشما باشلىقى كىرىستىيان مۇرك يېقىندا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ تىجارەت قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان سۆزىنىڭ چەتئەل كارخانىلىرىنى ئۈمىدلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: ئەمما بۇ سۆزلەرنىڭ قاچان رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم، دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتايدىكى ئىقتىسادىي توسالغۇلارنىڭ نېگىزى يەنىلا خىتاينىڭ دىكتاتورىلىق تۈزۈمىگە بېرىپ تاقىشىدىكەن. يېقىندا نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلىرىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا چەتئەللەردىكى ئەركىن بازار سىستېمىسىغا ماسلىشالماسلىقى ۋە ھازىرغىچە بىرەرمۇ خىتاي شىركىتىنىڭ خەلقئارادىكى 100 چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شىركەت قاتارىدىن ئورۇن ئالالماسلىقىنىمۇ خىتايدىكى تۈزۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.