چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشى ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-12-07
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قارشى ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. نەتىجىدە يېقىندىن بۇيان غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم سودا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىدە بولۇشى ئوخشاش بولمىغان زىيانلارغا، تەنقىدلەرگە ۋە تەكشۈرۈشلەرگە دۇچ كەلمەكتىكەن.

نۆۋەتتە بۇنىڭ بىر روشەن ئىپادىسى پاي چېكى بازىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك پاي چەكلىرىنىڭ تۆۋەنلىشى ئامېرىكا پاي چەكلىرىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن تېز ۋە يۇقىرى سوممىلىق بولماقتىكەن. بۇ ھەقتە CNBC ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان پاي چېكى مۇتەخەسسىسى كرايگ جونسون «بۇ ھەقتە بىز سۆز قىلمىساقمۇ بۇ ھەقتىكى دىئاگراممىلىق جەدۋەللەر ۋە گرافىكلار بۇ خىل تۆۋەنلەشنى بەكمۇ روشەن كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ھازىر خىتايغا دائىر پاي چەكلىرىنى سېتىۋالغانلىق ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان پىچاقنى تۇتماقچى بولغاندەك بىر ئىشتۇر» دېگەن.

بۇ خىلدىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى بەزى ئىدارە ۋە ئورگانلارنىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ پېنسىيە مائاشىنى پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ قىلىپ سېلىشى بولۇپ، بۇ خىلدىكى مەبلەغنىڭ خىتاي بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىمۇ يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن. بولۇپمۇ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئامېرىكا كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى» مالىيە گۇرۇھى ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ مەبلەغ قىلىپ سېلىنغان مۇئاشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زەنجىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرمەكتىكەن. «ئۇنىۋېرسىتېت تەڭشىكى» گېزىتىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكى نۆۋەتتە بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىكەن.

غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق تەمىنات زەنجىرىگە ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا چېتىلىپ قېلىشى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئەڭ كۆپ خەۋەر بەرگەن چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاگېنتلىقىمۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ پېنسىيە پۇلىنى خىتايدىكى بەزى شىركەتلەرگە مەبلەغ قىلىپ سالغانىكەن. يېقىندا بۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە لاگېر سىستېمىىسىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت