«ۋول ستېرېت ژۇرنال گېزىتى» : «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى چەتئەلدىكىلەرگە كېڭەيمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.08.31

ئامېرىكانىڭ «ۋول ستېرېت ژۇرنال گېزىتى» جۈمە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرى ئارقىلىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى چەتئەلدىكىلەرگە كېڭەيدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىشقا ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەقىب قىلماقتىكەن. بۇ، نوپۇزلۇق غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئائىلىسى ئارقىلىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى 2‏-قېتىم خەۋەر قىلىشىدۇر.

ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيەدىكى «مالىيە ۋاقتى گېزىتى»، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن ئىدى. «ۋول ستېرېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى، ئۇلار ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشنى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

خەۋەردە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى نەمتۇللا نەجمىدىنگە ئۇنىڭ دادىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن پاسپورتتىكى رەسىمى، نورۋېگىيە كىملىك ماتېرىياللىرىنى سورىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەمتۇللا نەجمىدىننىڭ «ۋول ستېرېت ژۇرنال گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىشقا ئارىلىشىپ باقمىغان پاختىكار دادىسى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن. خەۋەردە يەنە، نورۋېگىيەدىن باشقا ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان 17 ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇلاردىن ئىستانبۇلدا ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئابدۇراخمان مەمەتكە تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، «ئەگەر قايتىپ كەلمىسە، ئائىلىسىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى» نى ئاگاھلاندۇرغان. خەۋەردە يەنە، خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى پاسپورت ۋاقتى توشقان ئۇيغۇرلارغا پاسپورتىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا پەقەت 3 ئايلىق قايتىش گۇۋاھنامىسى بېرىپ يولغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.