چاسا ئامانلىق مۇدىرى: «تەربىيەلىنىۋاتقانلار ئارىسىدا چەتئەلدىن قايتىپ كەلمىگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىمۇ خېلى بار»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇخبىرىمىزغا نۆۋەتتە قەشقەردىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ تەركىبى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن قەشقەر شەھەرلىك چاسا كوچا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى «تەربىيە» گە تۇتۇلغانلار ئارىسىدا چەتئەلنى ساياھەت قىلىپ كەلگەن ۋە تارقاق ھەج قىلىپ كەلگەنلەردىن باشقا يەنە چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمىگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك ساندا بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ ھەقتە ئېنىق ساندىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلغان بۇ ئامانلىق مۇدىرى، مىسال سۈپىتىدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئابدۇراخمان ھاجى بىلەن نۇردۇن قارىھاجىنىڭ بىردىن قېرىندىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىدىن بىردىن بىرنەچچىگە قەدەر كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەنە ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، چەتئەلدىكى بەزى پائالىيەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە-ئەزالىرىدىن باشقا يىراق-يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولۇپ 20-30 چە كىشى تۈرمە ياكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە جازالانماقتىكەن. 

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن يىلى رامزان مەزگىلىدە قەشقەر ياپچانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا تۈرمىدىكى مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدىن بولۇپ 30 چە كىشىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمە ۋە قاماقتا ئىكەنلىكىنى يەرلىك دائىرىلەر دەلىللىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت