تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر شائىرى چىمەنگۈل ئاۋۇت «2021-يىللىق خەلقئارا جەڭگىۋار شائىر مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.06.24

فىرانسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تۇتقۇندىكى يېتۈك ئۇيغۇر شائىرى چىمەنگۈل ئاۋۇتنى «2021-يىللىق خەلقئارا جەڭگىۋار شائىر مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلىغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ فېيسبۇكتا بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژورنىلىنىڭ 3-سانىدا چىمەنگۈل ئاۋۇت تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان ماقالە ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ فىرانسۇزچە تەرجىمىلىرىگە ئاساسەن باھالاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ نەتىجىدە ئەڭ يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن ئىكەن.

چىمەنگۈل ئاۋۇتقا بېرىلگەن مۇكاپاتنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى چىمەنگۈل ئاۇۋتقا ۋەكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن.

چىمەنگۈل ئاۋۇت قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى 7-ئايدا مەزكۇر نەشرىياتتىكى 12 نەپەر خىزمەتدىشى بىلەن بىراقلا تۇتقۇن قىلىنغان. چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق رومانىنى تەھرىرلىگەنلىكى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلگىرى چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى ۋە ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.