بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ «چىراي تونۇش» كۆزەينىكى پات ئارىدا ئۇيغۇرلارغا توغرىلانماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.03.12

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ بېيجىڭدىكى ساقچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن بولغان «چىراي تونۇش» ئىقتىدارى سەپلەنگەن كۆزەينەك ئىشلىتىشنى باشلىغانلىقى مەلۇم.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل كۆزەينەكلەر ئالدىنقى ئايدا خېنەندىكى ساقچىلار ئىشلەتكەن مۇشۇ خىلدىكى كۆزەينەكلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ نومۇر تاختىسىنى ۋە ماشىنا ئىچىدىكى يولۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنىڭ «خەتەرلىك» ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

«تېخنىكا خەۋەرلىرى» تورىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى كۆزەينەكلەرگە «تەقلىدىي ئەقىل» قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەتتە ئۇنى تاقىۋالغان ساقچىلار ھەرقانداق ماشىنىغا يۈزلەنگەندە شۇ ماشىنا ياكى ماشىنا ئىچىدىكى ئادەملەر ھەققىدە بىر مىللىي سېكۇنت ئىچىدە ھۆكۈم چىقىرالايدىكەن. بۇ خىلدىكى كۆزەينەكلەرنى سىناپ ئىشلىتىپ باققان ساقچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، «سۈرئەت ۋە ئۈنۈم جەھەتتە كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا مۇشۇ كۆزەينەكنىڭ ياردىمىدە قېچىپ يۈرگەن بىرنەچچە جىنايەتچىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا «بىخەتەرلىك» نامىدا كەڭ مىقياستا قوللىنىلىۋاتقان تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى دەل مۇشۇ خىل «چىراي تونۇش» تېخنىكىسى ئىكەن. ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار بولغان مەزكۇر رايوندا كىشىلەرنىڭ چىرايى ۋە ماشىنىلارنىڭ نومۇر تاختىسى ھەرقاچان تەكشۈرۈلىدىغان نىشانلاردىن ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل يېڭى كۆزەينەكنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا يېتىپ كېلىشى پات يېقىندىكى ئىشلاردىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نازارەت قىلىش مېخانىزمى خىتايدا تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي تەۋەسىدە 170 مىليون كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىپ بولۇنغان بولۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا بۇ ساننىڭ ئۈچ قاتلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. شۇ چاغدا خىتايدىكى ھەر ئىككى پۇقراغا بىردىن كامېرا توغرا كېلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.