ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يەنە 7 نەپەر ئەمەلدار چىرىكلىك بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.01

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 7 نەپەر ئەمەلدارنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى» سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەكشۈرۈلىۋاتقان 5 نەپەر ئەمەلدار خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرىتارى ئۆتكۈر ئالىم، ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ شىبىن، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق سېكرىتارى گاۋ يوڭچىڭ ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ يۈخوڭ، قۇمۇل شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق سېكرىتارى فاڭ يۇڭچاڭ ۋە مەزكۇر ئۇرۇقچىلىق مەيدانىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ ۋېيشىڭ قاتارلىقلار ئىكەن.

تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقان يوقىرىقى 7 نەپەر ئەمەلدارنىڭ 5 نەپىرى خىتاي، ئىككى نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر يەنە بىر قېتىم رايوندا جازالانغان ياكى دېلوسى تەكشۈرۈلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «پارىخورلۇق» ۋە «چىرىكلىك» كە چېتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قوشۇمچە گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شېن يىنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇندىن باشقا، خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە بۇ يىل 4-ئايدا خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن يۋەنخۋانىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن جازالانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر دىيارىدا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «پارىخورلۇق» ۋە «چىرىكلىك» كە، ئەمما يەرلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بولسا «سىياسىي مەيدان» مەسىلىسىگە چېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.