كۆزەتكۈچىلەر چۆچەكتە ئېچىلىدىغان خەلقئارا بازارنىڭ يەرلىك خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشىدىن گۇمانلانماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.09.15

خىتاي دائىرىلىرى چۆچەك شەھىرىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سودا ئېلىپ بارىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى خەلقئارا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چۆچەك شەھىرىگە 12 كىلومېتىر كېلىدىغان باقتۇ ئېغىزىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ ساتىدىغان خەلقئارالىق سودا مەركىزى قۇرۇلماقتىكەن. قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان باقتۇ ئېغىزىدا 2013-يىلدىن باشلاپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ، خىتاينىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مەخسۇس دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت-ئىمپورت قىلىدىغان تۇنجى بازىرى ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر نۆۋەتتە غۇلجىنىڭ قورغاس ئېغىزى، چۆچەكنىڭ باقتۇ ئېغىزىدىكى سودا بازارلىرىنى خىتاينىڭ غەربىي ئېغىزىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئېكسپورت-ئىمپورت سودىسى قىلىدىغان ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق سودا بازىرىغا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ تۈردىكى بازارلارنىڭ ئىلگىرى ئېچىلغان بازارلارغا ئوخشاشلا، يەرلىك خەلقلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.