بىڭتۇەندە چوشقا ۋاباسى تارقالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.04.06

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا بىڭتۇەن 4-دىۋىزىيەسى تەۋەسىدە ئافرىقادىن بايقالغان چوشقا ۋاباسى تارقالغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ خەۋەرنى خىتاي يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرچە ئۇنىڭ باشقا جايلارغا يامرىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋابا 4-دىۋىزىيە تەۋەسىدىكى بىر چوشقا باقمىچىىقى مەيدانىدا بايقالغان. ۋابا بايقالغاندا بۇ جايدا بېقىلىۋاتقان چوشقىلاردىن 33 ىگە كېسەل تەگكەن، ئالتە چوشقا ئۆلگەن ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى كېسەل تەگكەن چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ۋابانىڭ باشقا جايلارغا تارقالماسلىقىدىن ساقلىنىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە 4-دىۋىزىيە 2015-يىلى تەسىس قىلىنغان كۆكدالا شەھرىدە بولۇپ، قارمىقىدا 18 تۇەن (پولك) بارئىكەن. نۆۋەتتە بۇ چوشقا ۋاباسىنىڭ ئىلى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى باشقا جايلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى نامەلۇم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.