تۇمشۇق شەھىرىدە ئۆي چېقىشقا قارشىلىق قىلغانلار تۇتقۇن قىلىندى
2013.04.30
ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 3 - دىۋىزىيىسىگە قاراشلىق تۇمشۇق شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەرنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نامىدا ئەتراپتىكى دېھقانلارنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈشكە زورلىغان. ئۆي چېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى تۇتقۇن قىلغان.
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 20 - ئاپرېل كۈنى تۇمشۇق شەھىرىدىكى 44 - پولكنىڭ ساقچىخانىدىكى ساقچىلار، شەھەرلىك پىلان ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرىدىن 50 تەك كىشى،4 - ئەترەتكە قاراشلىق دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرى چېقىش ئۈچۈن كەلگەندە دېھقانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ساقچىلار بىلەن دېھقانلار ئارىسىدا دەسلەپ ئاغزاكى تىللىشىش، كېيىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ دېھقانلاردىن 18 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدىكى 4 نەپەر قورامىغا يەتمىگەن بالا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ئەمما قۇرامىغا يەتكەن 14 كىشى قويۇپ بېرىلمىگەن.
تۇمشۇق شەھىرىگە قاراشلىق 4 - ئەترەت ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خەۋەردە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق دېيىلمىگەن. ئەمما خەۋەردە تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن تۇرسۇن مەمەت ئىسىملىك دېھقاندىن باشقا،44 - پولكقا قاراشلىق مىللى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇرسۇن ھەسەن، قادىر داۋۇت، قادىر يۈسۈپ قاتارلىق 8 نەپەر ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئۆي چېقىشتا «ماسلاشمىغان» دېگەن باھانىدا خىزمىتىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.