ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) مەخسۇس خىتايغا قارشى تۇرۇش مەركىزى قۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-10-08
Share

ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) مەخسۇس خىتايغا ئائىت ئىستىخبارات توپلايدىغان ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى مەركەز قۇرغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇن يىللىق بىر كۈرەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئىكەن.

مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنىس 6-ئۆكتەبىر كۈنى مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرىغا قىلغان سۆزىدە، بۇ مەركەز: «بىزنىڭ 21-ئەسىردە دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىدەك دۈشمەنلىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەڭ مۇھىم گېئو-سىياسى تەھدىتكە قارىتا كوللېكتىپ خىزمىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى ئەمەلدارى، خىتايغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا سېلىشتۇرۇپ، بىراق «خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئ‍ىقتىسادىي كۆلىمى تۈپەيلى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە مۇرەككەپ رەقىب ئىكەنلىكى» نى ئېيتقان.

يۇقىرىقى ئەمەلدار يەنە مەركىزى ئ‍ىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سوۋېتقا قارشى تۇرغاندا قىلغىنىدەك دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ خادىم، تىلشۇناس، تېخنىك ۋە مۇتەخەسسىس ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتايغا قارشى ئ‍ىستىخبارات توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، «خىتاي مەركىزى» نىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ مەركىزى ئ‍ىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ 1-نومۇرلۇق نىشانىغا ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت