CNN دە مالايشىيا ئايروپىلاندىكى مەمەتجان ئابدۇللا ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى CNN دە 20 كۈندىن بۇيان ئىز - دېرىكىنى بولمىغان مالايشىيا ئايروپىلاندىكى ئۇيغۇر يولۇچى مەمەتجان ئابدۇللا ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلدى.

خەۋەردە مەمەتجاننىڭ خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇر رەسسام ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يۇرت مۇھەببىتى باش تېما قىلىنغان بىر قاتار ئىجادىيەتلەرنىڭ ئاپتورى ئىكەنلىكى، تۇنجى قېتىملىق چەتئەل سەپىرىدە قازاغا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىندى.

خەۋەردە يەنە مەمەتجاننىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن مەمەتجاننىڭ مەزكۇر ئايروپىلانىڭ يوقاپ كېتىشىدە قولى بار - يوقلۇق سورالدى.

ئوقۇتقۇچى، بۇنىڭدىكى مۇمكىنچىلىك قەتئىي رەت قىلدى.

ئىلگىرى بەزى خەۋەرلەردە، مەمەتجاننىڭ ئىسمى يولۇچىلار تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. بىر قىسىم خىتاي تور بەتلىرىدە ئايروپىلاننىڭ قازاغا يولۇقۇشى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دېگەنگە ئوخشاش گۇمانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

مالايشىيادىن خىتايغا قاراپ يولغا چىقىپ غايىب بولغان بۇ ئايروپىلاندىن ھازىرغىچە ئۇچۇر يوق، دائىرىلەر تەكشۈرۈشىنى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت