CNN نىڭ مۇخبىرى ئېيۋان ۋاتسون: «ئۇيغۇرلار كۆلەملەشكەن تۇتقۇننىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ كابېللىق خەۋەرلەر تورى‏، يەنى CNN 15‏-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە خەۋەر ئىشلەپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن پارچىلاۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.

خەۋەردە، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى قوزغىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇ، ئامېرىكادىكى مەزكۇر نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 3‏-پروگراممىسىدۇر.

خەۋەردە CNN نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوبزورچىسى ئېيۋان ۋاتسون، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشىغا قارشى چىققانلىقى، قانۇن لاھىيەسىدە چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى خىتاي دۆلەت ئاپاراتلىرىغا مەھسۇلات سېتىشىغا ئىمبارگو قويۇش تەلەپ قىلىنغانلىقى، چېن چۈەنگونىڭ بۇ مىسلىسىز باستۇرۇشتا باش جاۋابكار، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېيۋان ۋاتسوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانى ئامېرىكىلىقلارنىڭ تاپشۇرغان بېجىنى توغرا ئىشلىتىشكە، دىققىتىنى ئۆزىدىكى «ئىرقچىلىق مەسىلىلىرى» گە قارىتىشقا چاقىرسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ غايىپ بولۇشىدەك بۇ ۋەزىيەتنى تەنقىد قىلىۋاتقانلىقى بىر پاكىت ئىكەن.

خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا، ئېيۋان ۋاتسون: «ئەگەر مىليون كىشىنىڭ ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا غايىپ بولغانلىقىنىڭ بىر قىسمى توغرا بولغان تەقدىردە، بىز خىتاينىڭ غەربىدىكى بۇ ئۆلكىدە كۆلەملەشكەن تۇتقۇن قىلىش يۈز بېرىۋاتقنالىقىنى سۆزلىشىۋاتىمىز دېمەكلىكتۇر» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت