CNN تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى«يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» مۇلاھىزە قىلىندى

ئامېرىكىدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن CNN تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى »مەسىلىسى مەخسۇس خەۋەر قىلىندى.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن CNN تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى »مەسىلىسى مەخسۇس خەۋەر قىلىندى.

دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن چوڭ كۆلەملىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى. CNN تېلېۋىزىيەسىمۇ بۇ دوكلاتنى مەخسۇس خەۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىگە دىققەت تارتتى.

CNN قانىلىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون ۋە ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست مېگا راجاگوپالان قاتارلىقلار زىيارەت قىلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇلاھىزە قىلىندى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاش، سىرتتا قالغانلارنى بولسا ئۆيلىرىگىچە كىرىپ نازارەت قىلىش ئارقىلىق نەتىجىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
سوفېي رېچاردسون خانىم بولسا CNN تېلېۋىزىيەسىدە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنىڭ دۇنيادا نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىرقى مەسىلە بۇنىڭغا دۇنيانىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىدۇر» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «ئىدىيەۋى كېسەللىكنى يوقىتىش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان دوكلاتىنى تەييارلاش ئۈچۈن نەچچە ئونلىغان شاھىتلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار تەمىن ئەتكەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەر ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ۋاقىتتىن تارتىپلا مەجبۇرىي سوراق قىلىنىش، جىسمانىي قىيناققا تارتىلىش، كېسەل بولۇپ قالغاندا داۋالىنالماسلىق، ئىنسانلىق ئىززىتى بولماسلىق دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى باشتىن كەچۈرگەن. گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى لاگېردىكى ئەھۋاللارنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىن نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.