CNN نىڭ ئاتاقلىق رياسەتچىسى خەلقئارا ئ‍ولىمپىك كومىتېتى قاتارلىقنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-06
Share

ئامېرىكا CNN نىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى جېيك تەپېر 5-دېكابىر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، ھوللىۋۇد، ۋول ستېرېت، NBA ۋە باشقا داڭلىق ئامېرىكا شېركەتلىرىنى پۇل ئۈچۈن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» ۋە مەجبۇرى ئەمگىكىگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا دېموكراتلارنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە توسقۇنلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. جېيك تەپپېر يۇقۇرىقى ئورۇن ۋە شىركەتلەرنى ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى «بىرلىكنىڭ ئەھۋالى» ناملىق پروگراممىسىدا تەنقىدلىگەن.

ئۇ دۇنيا چويلا توپ جەمئىيىتىنىڭ خىتاي چويلا توپ ماھىرى پېڭ شۇەينىڭ سابىق خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمى ئەزاسى جاڭ گاۋلىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراش ۋەقەسى تۈپەيلى خىتايدىكى پائالىيەتەيلىرىنى توختاتقانلىقى، ئۇنىڭ ھەركىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جېيك تەپېرنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى «لۈكچەكلەرنىڭ ئادۋوكاتى» دەك ھەرىكەت قىلماقتىكەن ۋە خىتاينىڭ خورلاش قىلمىشلىرىغا چاپان يېپىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

ئۇ، تەنتەربىيە ئەركىن بولۇشى، سىياسەتتىن خالىي بولۇشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر ئۇنىڭ پېڭ شۇەيگە تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

جېيك تەپېر، ترامپ ۋە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ئىككىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ھەم بەزى خرىستىيانلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە سىز مىلاد بايرىمىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان نەرسىلەرنى سوۋغات سۈپىتىدە تاپشۇرۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن. ھازىر پارتىيەلەر ھالقىغان بىر قانۇن لايىھەسى مۇنازىرە قىلىنماقتا. دۆلەت مەجلىسى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم قىلىپ، بۇنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، بىراق ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلار ئۇنىڭ پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئالدىغا بېرىشىغا توسقۇنلىق قىلغاچقا. ئۇنىڭ تەقدىرى ئېنىق ئەمەس.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت