ئىسلام دۆلىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە ئىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.02.27

ئامېرىكىدىكى ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام دۆلىتى يەنى «دائىش» تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئىراق ۋە سۈرىيەدە مەزكۇر تەشكىلات سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان چەتئەللىك جىھادچىلارنىڭ قايتىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە بىر خىل كۈتۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا يول ئاچقان.

ئۆتكەن يىلى ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە فىلىپپىن قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ «دائىش» جىھادچىلىرى سېپىگە جىددىي رەۋىشتە قوشۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «كۈندىلىك مەكتۇپ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلىلا يۇقىرى دۆلەتلەردىن كېلىپ «دائىش» قا قوشۇلغانلار سانى نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاسىيا جەمئىيىتى يېڭى ئامېرىكا خەۋەرسىزلىكى تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى ئەللەردە كۈرىلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە 3 - مات ۋاشىنگتوندىكى ئاخبارات كۇلۇبىدا «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا تېررورىزمغا قارىشى تۇرۇش» تېمىسىدا بىر يىغىن ئېچىشنى قارار قىلغان.

جەمئىيەت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا «ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئەۋزەللىك، مەبلەغ ۋە سەپەر قىلىشتىكى قولايلىقلىق ئىسلام دۆلىتىنى شەرقىي ئاسىيا رايونىغا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغا دەرىجىدە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان تەشكىلاتقا ئايلاندۇرغان.»

مەزكۇر يىغىننىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى كەۋىن رۇد ئۈستىگە ئالىدىكەن.

بۇ يىل يانۋار ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادا بىر ئادەم بومبا ھۇجۇم يۈز بەرگەن، ھۇجۇمدا 2 ئادەم ئۆلگەن، 24 ئادەم يارىلانغان.

كېيىن دائىرىلەر ھۇجۇمنى تېگى ھىندونېزىيەلىك بولغان 32 ياشلىق باھرۇن نائىم ئىسىملىك بىر دائىش جەڭچىسى قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ سۈرىيەدە پىلانلىغانلىقى ۋە بۇيرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.