خىتاي باياناتچىسى دالاي لامانى «تىبەت بۇددىزمىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن
2016.03.28
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىدا تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاماغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى «تىبەت بۇددىزمىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئەيىبنامىسى لوبساڭ سانگاينىڭ ئىككىنچى قېتىم سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ سايلانغان مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
تىبەت بۇددىزمىنىڭ تەلىماتى بويىچە ھەر نۆۋەتلىك دالاي لاما ۋاپات بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ روھى دەل شۇ پەيتتە تۇغۇلغان بىر تىبەتلىك بوۋاقنىڭ ۋۇجۇدىدا قايتا تىرىلىدىكەن.
دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى بېكىتىشتە خىتاي كومپارتىيەسى چىڭ دەۋرىدىكى مانجۇ پادىشاھلىرىدىن قالغان ئەنئەنە بويىچە ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
ھالبۇكى، مەيلى دالاي لاما بولسۇن ياكى باشقا تىبەتلەر بولسۇن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەت بۇددىزمىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرغان.
دالاي لاما ئالدىنقى يىلى بايانات بېرىپ، ئۆزىدىن كېيىن دالاي لامانىڭ قايتا تۇغۇلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دالاي لامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى تېنزىن تالھا: «تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن ئاتالمىش دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى قوبۇل قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!» دەپ تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، دالاي لامانىڭ ئۆز ۋارىسى ھەققىدىكى بۇ كەسكىن باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامادىن كېيىن تىبەت بۇددىزمىنى كونترول قىلىش توغرىلىق سوققان چوتىنى سۇغا چىلاشتۇردى، دەپ قارىماقتا.









