دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتى قوشۇلسىلا ئۆزىنىڭ تىبەتكە قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.11.19

تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى روھانىي داھىيسى دالاي لاما يېقىندا ئۆزىنىڭ تىبەتكە قايتىپ بېرىش ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىگەن.

رادىئويىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى روھانىي داھىيسى دالاي لاما 17-نويابىر كۈنى تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى جايلاشقان دارىمسالادىن ئايرىلىپ، ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى ۋە ھىندىستاننىڭ شەرقىنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىغان. ئۇ يېڭى دېھلىگە ئاتلىنىش ئالدىدا دارىمسالادىكى ئايرودرومغا خىتاي كونتروللۇقىدىكى تىبەت رايونىدىن كەلگەن 40 نەچچە نەپەر راھىب دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن بولۇپ، دالاي لاما ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆزلەشكەن.

مەزكۇر تىبەتلىكلەر دالاي لامانىڭ ئالدىدا يىغا-زارە قىلىشىپ، ئۇنىڭ تىبەتكە قايتىشىنى تەلەپ قىلىشقاندا دالاي لاما ئۆزىنىڭمۇ تىبەتكە قايتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى قوشۇلسىلا، مەن دەرھال تىبەتكە قايتىمەن» دېگەن.

دالاي لاما ئىلگىرىمۇ ئۆزىنىڭ تىبەتكە قايتىش ئارزۇسىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، تىبەت مەسىلىسىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ، ئۆز ئەلچىسىنى بىر قانچە قېتىم خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ «سۆھبەتلەر» نەتىجە بەرمىگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا دالاي لامانى ئىزچىل «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. چەتئەللەردىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا دالاي لامانىڭ مۇنداق خىتايغا تۇتقان يۇمشاق پوزىتسىيىسى، يەنى، «ئوتتۇرا يول» سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكىگە قارىتا نارازىلىق كەيپىياتىنىڭمۇ جانلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا.

دالاي لاما بۇ قېتىم يېڭى دېھلى ۋە ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى ئورىسا، غەربىي بېنگال شتاتلىرىدا بىر ھەپتە زىيارەتتە بولىدىكەن ھەم نۇتۇق سۆزلەيدىكەن، لېكىن ھازىرغىچە خىتاي تەرەپنىڭ دالاي لامانىڭ ھىندىستاندىكى بۇ بىر قاتار پائالىيەتلىرىگە قارىتا نارازىلىق ئىنكاسى بىلدۈرگەن ياكى بىلدۈرمىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق، ئەمما بۇ يىل ئاپرېلدا ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى ئارۇناچال پرادىش شتاتىنى زىيارەت قىلىشىغا قارىتا خىتاي قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ھىندىستان تەرەپ قۇلاق سالمىغان ئىدى. 

دالاي لامانىڭ ھىندىستاندىكى پائالىيەتلىرى ھىندىستان-خىتاي ئارىسىدىكى بىر مەزگىل قاتتىق جىددىيلەشكەن چېگرا ماجىراسى پەسەيگەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.