گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چاغانلىق پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.26

ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي، 24-فېۋرال گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق پائالىيەتتە، گوللاندىيەدىكى خىتاي تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۆزىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يېپىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەندى.

 گوللاندىيەدىكى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ 24-فېۋرال ئۆتكۈزگەن چاغانلىق پائالىيىتى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىددەتلىك نارازىلىقىغا ئۇچراپ، بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچى نەق مەيدانغا بېسىپ كىرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيەدىكى بېيجىڭپەرەس خىتاي ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 24-فېۋرال گوللاندىيەدە ياشايدىغان خىتاي پۇقرالىرىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ۋە خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق گائاگا (Hague) يەنى دەنھاگ شەھىرىدە چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرغان. خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىككى خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسى ئورۇنلاشقان گائاگا، يەنى دەنھاگتىكى چاغانلىق پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى رەت قىلىش سىگنالى بەرمەكچى بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق پائالىيەتتە، نەق مەيدانغا كىرىپ، سەھنىگە يۈگۈرۈپ چىققان گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراخمان مۇھەممەت، سەھنىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن»، «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. ئابدۇراخماننىڭ تۇيۇقسىز ھەرىكىتىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرى، تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ ئابدۇراخماننى سەھنىدىن چۈشۈرۈۋەتكەن ھەم پائالىيەت زالىدىن سىرتقا چىقىرىۋەتكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ سىرتىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر-تۈرمىلەرگە قامىشىدىن بېرى، تۇنجى قېتىم چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيەت مەيدانىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىدۇر. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمىدا ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەشۋىقات تېمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاننى كەڭ كۆلەملىك تەبرىكلەۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە، ئابدۇراخماننىڭ خىتايلارنىڭ شىكايىتى بىلەن گوللاندىيە ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلىپ، بىر سائەتتەك تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.