دانىيە ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى نەزەردە تۇتۇپ خىتاي مەبلىغىدىن ۋاز كەچكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.24

دانىيەنىڭ Akademiker Pension ناملىق كۈتۈنۈش فوندى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن خىتاي سالغان مەبلەغنى چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ دېگەنلىك ھۆكۈمەت زايومى ۋە پاي چېكىنىڭ جەمئىي 400 مىليون دانىيە كرونى يەنى (53.7 مىليون ياۋرو) تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ياۋروپادىكى IPE ناملىق ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فوند بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەبلىغىنى ئالماسلىقنى قارار قىلىشىغا «خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئۈچۈن چىقارغان بىخەتەرلىك قانۇنى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىلىشى، خىتاينىڭ دائىم ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشى» دەك ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان.

«Akademiker Pension» نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېنس مۇنچ خولست: «بىز خىتاينى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. ھەممىگە ئايانكى، بۇ دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىدۇ. بىز ئەمدى بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە فوند ئەزالىرىنىڭ ياخشى ۋە راھەت بىر پېنسىيە ھاياتى سۈرۈشىدەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر فوندنىڭ خىتايدەك مەسئۇلىيەتسىز ھاكىمىيەتنىڭ مەبلىغىنى ئېلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تېخى يېقىندا يەنى 19-سېنتەبىر كۈنى، خېلسىنكى كومىتېتى، رافتۇ فوندى جەمئىيىتى، نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 7 تەشكىلاتنىڭ چاقىرىق قىلىشى بىلەن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى نېفىت فوندى خەيكاڭ دىگىتال ۋە داخۇا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە سالغان بىر مىليارد 200 مىليون كىرونلۇق مەبلىغىنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

يۇقىرىدىكى تەشكىلاتلار نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قىزغىن قارشى ئالغان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىز بۇ نەتىجىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېزىلگەن كىشىلەرنىڭ غەلىبىسى دەپ قارايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئورتاق بولغان باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ يۇقىرىدىكى قارارنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، باشقا مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پرىنسىپال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.