دائىرىلەر خوتەن چىرا ناھىيىسىدىكى 1400 يىللىق دەندان خارابىلىقىنى ساياھەتچىلەرگە ئاچماقچى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-05-26
Share


خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى خوتەن چىرا ناھىيىسىدىكى 1400 يىللىق دەندان خارابىلىقى قاتارلىق جەمئىيەتكە ئېچىلمىغان بىر قىسىم قەدىمىي خارابىلىقلارنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىشقا تەييارلانغان.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 26 - ماي كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى مىڭ يىللىق بۇددا مەدەنىيەت شەھىرى تەكلىماكان قۇملۇقىدا كۆمۈلۈپ ياتىدۇ، ساياھەتچىلەر قۇملۇق ئىچىگە كىرىشكە ئامالسىز قالدى» سەرلەۋھىلىك زىيارەت خاتىرىسىدە، تاۋ چۈەنكې ئىسىملىك مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرقانچە ساياھەت ئۆمەكلىرى ۋە چىرا ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار بايان قىلىنىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار «دەندان ئۆيلۈكى»دەپ ئاتايدىغان بۇ خارابىلىقنىڭ چىرا ناھىيىسىنىڭ دامكا يېزىسىغا 90 كلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇق ئىچىگە جايلاشقانلىقى ۋە بۇ قەدىمىي شەھەرگە بارىدىغان راۋان قاتناش يولى ياسالمىغانلىقى ئۈچۈن، ساھايەتچىلەر 1400 يىل ئىلگىرىكى بۇددا مەدەنىيەت دەۋرىگە تەۋە بۇ خارابىلىقنى زىيارەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ، خابىلىقتىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە باشقا يادىكارلىقلارنىڭ چىرا ناھىيىلىك مەدەنىيەت مۇزىيىدا ساقلانغان فوتو رەسىملىرىنى كۆرۈش بىلەن چەكلىنىۋاتقانلىقى، شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خارابىلىققا بارىدىغان يول ياساشقا تىرىشىۋاتقانلىقى» بايان قىلىنغان.

زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە دەندان ئۆيلۈك خارابىلىقى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار بېرىلىپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 10 كلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 3 كلومېتىر دائىرىنى ئىگىلەيدىغان بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ كۆلۈنگۈ مەزھىپىگە تەۋە بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن، تام رەسىملىرى، قەدىمىي بىراخمى يېزىقى، خوتەن يېزىقى، سانسىكىرىت يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارغا تەۋە قوليازمىلار، قەدىمىي پۇللار، ياغاچلاردىن ياسالغان بۇتلارنىڭ چىققانلىقى تىلغا ئېلىنغان. زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە، خارابىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقىسى 2012 - يىلى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، 2 - 3 كۈن ۋاقىت ۋە يېتەرلىك ئوزۇق - تۈلۈك تەييارلىغاندىلا ئاندىن قۇم ئىچىدىكى بۇ خارابىلىققا كىرىش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغا قەدەر چەتئەللەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر خارابىلىقنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، پەقەت ئاز ساندىكى ئارخىئولوگلارنىڭلا خارابىلىققا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت