دەررېن بايلېر: «مەن بەلكىم خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالدىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى «رەنجىتىپ قويۇش» تىن ياكى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە داۋاملىق خىتايغا بېرىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا زۆرۈر بولغان ۋىزا ئىشلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە يۈز تۇتتى.

جۈملىدىن مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىش بۇنىڭدىكى تىپىك ھادىسىلەردىن بىرى بولۇپ قالدى. ئەمما ئۆزىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە «پېشكەللىك» كە ئۇچرىشىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، داۋاملىق ھالدا ئوخشىمىغان ئىلمىي ۋە سىياسىي سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن مەردانىلىك بىلەن سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرمۇ خېلى ساننى ئىگىلەيدۇ. يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس، ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، دوكتور دەررېن بايلېر ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

2003-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ-كېلىۋاتقان دەررېن بايلېر ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى چۈشەنگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگەن. ئۇ مۇشۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى ئىنگلىز تىلى دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش جەھەتتىكى ئەمگەكلىرى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا خېلى بۇرۇنلا تونۇشلۇق بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارادىكى چوڭ خەۋەر تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ دەررېن بايلېرنىڭ بۇ جايغا قايتا بېرىش شېرىن چۈشى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتمىدى. ئۇ دەسلەپ بولۇپ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بەردى. بۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى سۈپىتىدە كانادانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىنچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپكە جاۋاب قايتۇرۇپ بىر قىسىم چەتئەل دىپلوماتلىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نامىدا لاگېرلارغا ئېكىسكۇرسىيەگە تەشكىللىدى.

دەررېن بايلېر يەنە تەقلىدىي ئەقىل شىركەتلىرىدىن تارتىپ گۇگېل شىركىتىگىچە، ۋاشىنگتون شتاتىدىكى «خىتاي سودا كېڭىشى» دىكى سودا كاتتىۋاشلىرىدىن تارتىپ بېيجىڭ شەھىرىدىكى «چەتئەل ئاخباراتچىلىرى كۇلۇبى» غىچە بولغان جايلار ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ لېكسىيە بەردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ قانداق دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلمىي تەتقىقاتچىنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ يورۇتۇپ بەردى. ئۇ «تاماشىبىنلار» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «كانادا ھۆكۈمىتىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىدىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى باشقا بىر كاتېگورىيەدىكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەن ھازىر ئاللىقاچان خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالدىمغۇ دەيمەن، دەپ ئويلايمەن» دەيدۇ.

دەررېن بايلېر نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق باستۇرۇش ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «مەن بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنى باراۋەر داۋام قىلىمەن. چۈنكى بىز بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە موھتاج» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت