خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەردە ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلارنى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى» نى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.07.23

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى «خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا نەشرى ھېسابلانغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۈگۈن، يەنى 23-ئىيۇل كۈنى «شىنجاڭدا تۈرمىلەردىكى دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار تەربىيەلىنىپ ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتىلمەكتە» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەرگە قامالغان دىنىي زاتلار ۋە «دىنىي ئەسەبىي كۈچ» دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان مەھبۇسلارغا «مېڭە يۇيۇش لېكسىيەسى» سۆزلەۋاتقان شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما پىنيەننىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ۋە بۇ لاگېرلاردا قامىلىپ ياتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت تۇتقۇنلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى. ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىمۇ ئىزچىل ھالدا ئىنكار قىلىپ كەلدى. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا خىتاي ئۆزى تارقاتقان مەزكۇر خەۋەردىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى تەقىبلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى يەنىمۇ ئاشكارىلاپ كۆرسەتمەكتە. 

مەزكۇر خەۋەردە يەنە ما پىنيەننىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىلەردىكى «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتىشتە تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇللارنى ئىزدەۋاتقانلىقى، چۈنكى دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆز ئىدىيىلىرىنى تۈرمىلەردىمۇ داۋاملىق تارقىتىۋاتقانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى تۈرمىلەر ھەققىدە بولسۇن ياكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» توغرىلىق بولسۇن، ھەرقانداق بىر ئۇچۇرنى تاشقى دۇنيادىن مەخپىي تۇتۇۋاتقان بىر شارائىتتا مەزكۇر خەۋەردىكى بىر قىسىم بايانلار قاماقتىكى تۇتقۇنلارنىڭ «مېڭە يۇيۇش تەربىيىسى» گە قاتناشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.