خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي باستۇرۇشى نىڭشيادىكى تۇڭگانلارغا كېڭىيىشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق دىنىي باستۇرۇشى نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىدىكى تۇڭگانلارغا كېڭىيىشكە باشلىغان.

خوڭكوڭدىكى بىر گېزىتنىڭ قەيت قىلىشىچە، نىڭشيادىكى تۇڭگانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق دىنىي باستۇرۇشىنى نىڭشيادا يولغا قويۇشىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن.

خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» دا 14‏-ماي ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇشنى مۇسۇلمان تۇڭگانلاردا قانداق ئىجرا قىلىۋاتىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نىڭشيادىكى مەسچىت، باغچە، مېھمانساراي، سودا بازىرىنىڭ قۇببىلىرىنى، ئۇنىڭدىكى ئىسلامى بەلگىلەرنى ئېلىپ تاشلاپ، مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇش شەكلىنى شەرق قۇرۇلۇش پوسۇنىغا ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. دائىرىلەر «مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدا خىتاينىڭ شەرت-شارائىتى ئەكس-ئەتتۈرۈلۈپ، خىتاي پوسۇنىنىڭ ئىپادىلىنىشى، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۈلگە ئېلىنىشى» نى تەلەپ قىلغان.

ماقالىدا، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىسلاملىشىش، ئەرەبلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، دىننىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشىنى مەقسەت قىلغانلىقى، بۇ ھەرىكەتنىڭ تۇڭگانلارنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى، بىر تۇڭگان زىيالىيسىنىڭ «شىنجاڭدىكى سىياسەت پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلسە ئاپەتكە ئايلىنىدۇ» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا يىڭچۈئەننىڭ بېيگۈئەن مەسچىتىدىكى بىر تۇڭگان ياشنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «ئەرەب پاسونىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۇزۇن تارىخىي بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە بىز مۇسۇلمانلار، ئۈچۈن ئىسلامنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

ماقالىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن تېررورلۇققا، ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ كەلگەن بولسا، مانا ئەمدى بۇ سىياسەتنى نىڭشادىكى تۇڭگانلارغا قاراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، ھازىر يىڭچۈئەن شەھىرىدە ئەزان ئوقۇش چەكلىنىپ، قۇرئان ۋە دىنىي كىتابلارنى سېتىش مەنئى قىلىنغان. بەزى مەسچىتلەردىكى ئەرەب تىلى كۇرسى ۋە مەكتەپلەر تاقىۋېتىلگەن. بەزى ناھىيەلەردە كادىرلارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى، ھەج قىلىشى، ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى چەكلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت