خىتاينىڭ يېڭى دىنىي بەلگىلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيىدە چىقىدىغان ئىنگلىزچە  «دۇنيا خەۋەرلىرى» تورىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسچىتلىرىگە خىتاي دۆلەت بايرىقىنى تاقاش قاتارلىق دىنىي  بەلگىلىمىلىرى ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن.

خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى شۇ خىل نارازىلىق كەيپىياتىغا شاھىت بولغان مەلۇم بىر شەخسنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل قىلىشىچە، بۇ يىل مارتتا يېڭىسار ناھىيىسى چولپان يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر مەسچىتكە ئېسىقلىق خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن.

ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى يېزىغا كىرىش ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى تەكشۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر بايراق كۆيدۈرگۈچىنى تاپالمىغان، ئەمما مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىمامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 كە يېقىن ئادەمنى  قولغا ئالغان.
يەرلىك دائىرىلەر تېلېفون زىيارىتىمىزنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن  ۋەقەنىڭ تەپسىلاتنى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللەشكە ئامالسىز قالدۇق.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان، ساقال قويغان، ياغلىق ئارتقانلارنى بانكا ۋە كۇتۇپخانىلارغا كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇشلارنىمۇ چىقارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت