ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.29
cover-photo.jpg cover-photo.jpg
Photo: RFA

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 29‏-ئاپرېل كۈنى يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ ئۇنى بۇ يىل يەنە دىنىي ئەركىنلىكى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان 1‏-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەگەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلسا، بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى ئىزچىل بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى بولۇپ قالىدۇ.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 226 بەتلىك دوكلاتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن يەنە دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرىشنى، خىتايدىكى تىل ۋە مەدەنىيەت مىراسى ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان مىللەت ۋە جامائەتلەرگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشنى، خىتايدىن كەلگەن دىنىي ئېتىقادى ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇساپىر ۋە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىللە خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشىغا قارىتا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش، ئاممىۋى دىپلوماتىيە ۋە باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە باشقا دۆلەتلەر ۋە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دىنىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پاناھلانغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىنى توسۇشى كېرەك ئىكەن. دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بەزى تەۋسىيەلەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايغا ئىلغار تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىش، بولۇپمۇ نازارەت قىلىش تېخنىكاسى ۋە بىئومېتىرىيەلىك ئەسۋابلارنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان.

يېقىندا ئامېرىكادىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ خىتايغا بەزى ئىلغار تېخنىكىلارنى سېتىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا DNA ئامبېرى قۇرۇشى، نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركۇ رۇبىئو، باب مەنەندەز، تام سوزې، كرىستوفىر سىمىستەك بەزى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىللبور رۇسقا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بۇ خىل تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.