ئامېرىكا باش ئەلچىسى تېرىي برانستاد تىبەت زىيارىتىدە دىنىي ئەركىنلىكتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە تىبەت بىلەن چىڭخەيدىكى تىبەتلەر ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا زىيارەتتە بولغان ئامەرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېرىي برانستاد تىبەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تېرىي برانستاد 19‏-مايدىن 25‏-مايغىچە يۇقىرىقى رايونلاردا بىر ھەپتىلىك زىيارەتتە بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدارلار، دىنىي زاتلار بىلەن كۆرۈشكەن ھەم تىبەتلەرنىڭ تارىخىي ئىبادەتخانىلارنى زىيارەت قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 25‏-ماي كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، تېرىي برانستاتد زىيارەتتە خىتاينى تىبەت روھانىي رەھبىرى دالاي لاما بىلەن «ھەقىقىي دىئالوگ» ئۆتكۈزۈشكە، شۇنىڭدەك تىبەتلەرگە دىنىي ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا «باش ئەلچى بىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى تىبەت ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىشقا يول قويۇشنىڭ ئىزچىل بولماسلىق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدى. . . شۇنىڭدەك ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشى ۋە دىنىي ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئارىلاشقانلىقىغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى،» دېيىلگەن.

برانستادنىڭ تىبەت زىيارىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەۋاتقان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەشنى يولغا قويۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. برانستاد تىبەتتىكى ۋاقتىدا ئامەرىكانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭ تورىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى سام بروۋېنبەك بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ناتان سەيلسنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالىسىنى ئۇلاپ ئېلان قىلغان. ماقالىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى ‹تېررورلۇققا قارشى كۈرەش› ئەمەس، بەلكى بىر يىرگىنچلىك باستۇرۇش» دېيىلگەن ئىدى.

برانستاد ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا «تىبەت ساياھەت قانۇنى» نى ماقۇللىغاندىن بېرى تىبەتتە زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئامېرىكا ئەمەلدارىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت