ياۋروپا پارلامېنتى «يىللىق دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.09.06

6-سېنتەبىر كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا خىتاي دىنى ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى خېلى كەڭ سەھىپىدە تىلغا ئېلىنغان.

ياۋروپا پارلامېنتى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانسېرى ئارقىغا چېكىنىپ مېڭىۋاتقان دىنى ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگلىرىدا چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى قوشۇنىنى زورايتىش ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتكەندىن سىرت، بۇندىن كېيىن ئۇنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان يېڭى سىياسەتلەرنى بەلگىلەۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش ھەققىدە كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرۈلۈشى كېرەك، دېيىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.