رۇسىيە ۋە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز سادا
2018-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ترامپ ھۆكۈمەت خادىملىرى سەيشەنبە كۈنى، يەنى 11-ئۆكتەبىر بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

«خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنى ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنى ئالاھىدە قىلىپ، «سىستېمىلىق، ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ۋە خاتا بولغان دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئىزاھات بەرگەن. ئارقىدىنلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو ئېلان قىلغان ئۆز خەلقىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئەيىبلىگەن باياناتىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

مايك پومپيو باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان سەۋەبلىك ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئازابلاشلارغا، تۇتقۇن قىلىنىشقا، ھەتتا ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇنداق باستۇرۇشلارغا قەتئىي قاراپ تۇرمايدۇ.»

خەۋەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە شۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇمى ھەققىدىكى 117 بەتلىك دوكلاتمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان.

دوكلاتتا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى 13 مىليون تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ «مېڭە يۇيۇش» قا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى، كىشىلەر ئارا نورمال ئالاقە ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولغان زور كۆلەملىك تەقىب سىستېمىسىنىڭ رايوندا ئومۇملىشىشى قاتارلىقلار نۇقتىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 10-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيغۇر دىيارىدىن مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» لاگېرلىرىغا قامالغانلىق مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي بىر چاقىرىق ئېلان قىلغان. چاقىرىقتا نورمال دىنىي ئەركىنلىك پائالىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر جىنايەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت